باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

2015.05.12 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:11-ماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 2015 – يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتىنى 24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە دەپ بېكىتتى. بۇ قېتىملىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى 28574 غا يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى يەنىلا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بىردىن بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھاندا مۇستەقىل سوئال چىقىرىدىغان رايون بولۇپ، ئىمتىھان ۋاقتى ۋە بېكىتىش ۋە تەكشۈرۈپ تۈزىتىشى قاتارلىقلار مۇستەققىل ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  بۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى800 نۇمۇر: تىل - ئەدەبىيات ، ماتىماتىكا ، ئېنگلىز تىلى ، فىزىكا- خىمىيە ( بىرلەشتۇرىدۇ)، ئىدىيە-ئەخلاق ۋە تارىخ (بىرلەشتۇرىدۇ ) نىڭ نومۇرى 150 نومۇر بولىدۇ، ئىمتىھان ۋاقتى ئەدەبىيات ، ئىدىيە-ئەخلاق ۋە تارىخ پەنلىرىنىڭ 150 مىنۇت ، باشقا پەنلەرنىڭ ھەممىسى 120 مىنۇت. ئۇنىڭدىن باشقا تەنتەربىيە ئىمتىھان 50 نومۇرنى ئىگىلەيدۇ.

  قىييىن، ئوتتۇرھال ۋە ئادەتتىكى سوئاللارنىڭ نىسبىتى 2:3:5 بولۇپ، ئاسان سوئالىنىڭ قىيىنلىق كوئېففىتسېنتى 0.7دىن يۇقىرى ئىكەن. ئوتتۇرا دەرىجىلىك سوئالنىڭ قىيىنلىق كوئېففىتسېنتى 0.4~0.7 ئارىسىدا، قىيىن سوئالنىڭ قىيىنلىق كوئېففىتسېنتى 0.2~0.4نىڭ ئارىسىدا بولىدىكەن. كوئېففىتسېنتى قانچە يۇقىرى بولسا، قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر