- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن ھۆججەت تارقىتىپ باجدا ئېتىبار بېرىش بەلگىلەنگەن مۆھلەت بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى
2015.05.12 15:46 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 11- ماي تېلېگراممىسى. جايلار، تارماقلار يېقىندا باج قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئېنىقلىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى 11- ماي گوۋۇيۈەننىڭ يېقىندىكى ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددىتى بولسا، بەلگىلەنگەن مۇددىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
بۇ «گوۋۇيۈەننىڭ باج قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىگە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان «گوۋۇيۈەننىڭ باج قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا چېتىلىدىغان ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا يەنىمۇ بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا دۆلەت بىر تۇتاش تۈزگەن باج قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىر بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ دەپ مۇقىملاشتۇرۇلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر