خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈچ يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت-كارخانا ھەمكارلىقىدىكى قومۇش رەسىم كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھۆكۈمەت قوللىغان، كارخانا يۈرۈشتۈرگەن، ئامما ئالقىشلىغان قومۇش رەسىم ئۆگىتىش، ئۆگىنىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ياخشى يۈرۈشلەشكەن تىجارەت زەنجىرى شەكىللەندى.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەرق-غەرب جەنۇب-شىمال ئەڭ چوڭ ئۇزۇنلۇقى 800 كلومېتىردىن ئاشىدۇ، يەرمەيدانى 482 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، جۇڭگودىكى قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون بولۇپ، «جۇڭگودىكى 1-ئوبلاست» دەپ ئاتالغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى