باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دۆلىتىمىزدە ئائىلە تەرەققىياتىدىكى يەتتە ئۆزگىرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2015.05.14 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 13- ماي تېلېگراممىسى. دۆلەت سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 13- ماي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «جۇڭگونىڭ ئائىلە تەرەققىيات دوكلاتى2015-يىللىق»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتقا قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە ئائىلە تەرەققىياتى ئائىلە كۆلىمى كىچىكلەش، ئائىلە تۈرى كۆپ خىللىشىشتەك يەتتە ئۆزگىرىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە ئائىلە تەرەققىياتىدا نۇرغۇن جەھەتلەردە زور ئۆزگىرىش بولغان، بۇ ئاساسلىق تۆۋەندىكىدەك جەھەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن: بىرىنچى ئائىلە كۆلىمى كىچىكلەش، ئائىلە تۈرى كۆپ خىللىشىش. ئىككىنچى ئىككى نوپۇسلۇق ئائىلە، ئۈچ نوپۇسلۇق ئائىلىلەر ئائىلە تۈرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، بويتاق ئائىلە، يىگانە ئائىلە قاتارلىق ئائىلىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋېتىپتۇ. ئىككىنچى شەھەر بىلەن يېزىلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ كىرىم پەرق كۆرۈنەرلىك. كىرىمى ئەڭ كۆپ %20 ئائىلىنىڭ ئائىلە كىرىمى جەھەتتە كىرىمى ئەڭ تۆۋەن ئائىلىنىڭ ئائىلە كىرىمىنىڭ 19 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۈچىنچى شەھەر، يېزىلارنىڭ ياشانغانلارنى كۈتۈش ۋە داۋالاش، كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئېھتىياجى زور. تۆتىنچى، ئاتىنىڭ بالا بېقىش ۋە تەربىيەلەش جەريانىدىكى رولى ھەمراھ بولۇش، تەربىيەلەش يېتەرسىز. بالىسىنى تەڭ بېقىۋاتقان ئاتا- ئانىلار %7.5نى، تەڭ تەربىيەلەۋاتقان ئاتا- ئانىلار %11.7 ئىگىلەيدىكەن. بەشىنچى، پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى پىلانلىق تۇغۇتقا قاتناشمىغان ئائىلىلەردىن ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىكەن. ئالتىنچى كۆچمە ئائىلىلەر بىلەن ئامانەت ئائىلە نورمال ھالەتتىكى ئائىلە ئەندىزىسى بولۇپ قالغان. كۆچمە ئائىلە نىسبىتى %20 كە يېقىنلاشقان، يېزىلاردا ئامانەت بالا ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئېشىپ كەتكەن، قىپقالغان ئاياللار نىسبىتى %6 تىن ئاشقان، قىپقالغان ياشانغانلار تۆتتىن بىر قىسىمغا يېقىنلاشقان. يەتتىنچى شەھەر، يېزا مەھەللە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە فونكىسسىيەدىكى پەرق گەۋدىلىك بولغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر