باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق لىنىيىسى

2015.05.14 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لاسا شەھىرى دۈيلۇڭدېچىڭ ناھىيىسىدە «ئۈچ مىللەت بىر شىركەت» دېگەن ھېكايە تارقالدى. «شىزاڭ سۇدا چەكلىك شىركىتى» نىڭ ھەمكالاشقۇچىلىرى پەن چىنزاۋ، ما لەيگې ۋە مىماسىرېن ئايرىم ئايرىم خەنزۇ، خۈيزۇ ۋە زاڭزۇ مىللىتىدىن.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى 3 مىليون 170 مىڭ نوپۇس ئىچىدە، زاڭزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى %95.74 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئاپتونوم رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇمىيلىققا مۇناسىۋەتلىك»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق لىنىيىسى». شىزاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەر مىللەتلەر خىزمىتى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ يولغا قويۇش پىكىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ 10 تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، 42 تۈرلۈك كونكىرت تەدبىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، «تۆت بىردەكلىك» «بەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق» «تۆت بىرلەشمە ھەرىكەت» يەنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى «بىردەك پىلانلاش، بىردەك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىردەك ھەيدەكچىلىك قىلىش، بىردەك ئەمەلىيلەشتۈرۈش»؛ خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، كادىرلارنى تاللاپ تەقسىملەشتە مىللەتلەر خىزمىتى سېپىدىكى كادىرلارنى ياخشى تاللاشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باھالاشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، مالىيە خامچوتىدا مىللەتلەر خىزمىتى خىراجىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئىلغارلارنى تەقدىرلەشتە مىللەتلەر خىزمىتىگە تۆھپە قوشقان ئىلغار كوللېكتىپ، شەخس ۋە ئائىلىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  شىزاڭدىكى ھەر قايسى ناھىيىلەر ھەر يىلى يېزا بازار، كارخانا، بۇتخانىلار بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالايدۇ، بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ كونكىرت مەزمۇنى ۋە ئالاقىدار تەلەپلىرىگە چېتىلىدۇ. مىللەتلەر خىزمىتىدە ئادەتتىكى خىزمەتلەرگە، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 2013-يىلىدىن باشلاپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى «پارتىيىلىك كادىرلارنى يېزىلارغا ئەۋەتىش، ئۇرۇق تۇققان دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. شىزاڭدىكى 46 مىڭ 921 پارتىيىلىك كادىر 67 مىڭ 66 دېھقان چارۋىچى ئاممىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى.

  نۆۋەتتە پۈتكۈل شىزاڭدا «ياشانغاندا باقىدىغان جاي بولۇش، كېسەل كۆرسىتىدىغان دوختۇرخانا بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان تايانچ بولۇش، ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش» خەلق تۇرمۇشى نىشانى تېز ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. ئىتتىپاقلىق ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى خۇشال قىلدى، ئۇلار خۇددى ئانار ئۇرۇقىدەك ئىتتىپاقلىشىپ گېساڭ گۈلىدەك بەختكە چۆمدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر