خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن 12-ماي بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكونىڭ ھەمراھلىقىدا مىنسكتىكى جۇڭگو-بېلارۇسىيە سانائەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى.
شى جىنپىڭ رەپىقىسى بىلەن سانائەت رايونىغا يېتىپ كەلگەندە، لۇكاشېنكو ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆزى چىقىپ كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى لۇكاشېنكو بىلەن بىرلىكتە سانائەت رايونىنىڭ قۇم مودېلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سانائەت رايونى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە سانائەت رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى. سانائەت باغچا رايونىدا بېلارۇسىيە بالىلىرى سىزغان خىيالىي سانائەت باغچىسىنىڭ رەسىمى ئالاھىدە كۆرگەزمە قىلىندى. بىغۇبار، ئوماق بېلارۇسىيە بالىلىرى شى جىنپىڭغا ئۆزلىرىنىڭ سانائەت باغچا رايونىغا بولغان تەلپۈنۈشىنى تەسۋىرلەپ سىزغان رەسىمىنى سوۋغا قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى