باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى

─ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇپ جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا

2015.05.14 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-مايدىن 8-مايغىچە قازاقىستاندا زىيارەتتە بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قازاقىستاننىڭ «پارلاق يول» ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. قازاقىستان «ئاستانە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردى، دېيىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 7-سېنتەبىر قازاقىستاندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان تۆمۈر يول، تاشيول، ھاۋا يولى، تۇرۇبا يولى، ئالاقىلىشىش تورىنى تېز ئۇدۇللاشتۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى بىر قاتار ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نۇرغۇن نەپ يەتكۈزدى.

  نېفىت-گاز تۈرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى

  قازاقىستاننىڭ كەڭ زېمىنىدا جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ نېفىت-گاز يەتكۈزۈش مۇھىم يوللىرى ئۈزلۈكسىز تۇتاشتۇرۇلدى. ئومۇمىي مۇساپىسى 2800 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان جۇڭگو-قازاقىستان نېفىت تۇرۇبا يولىدىن جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنغان نېفىت 77 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتتى. 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئومۇمىي مۇساپىسى 1300 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگو-قازاقىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى جۇڭگونى 100 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەپ 500 مىليون كىشىنى مەنپەئەتلەندۈردى.

  قازاقىستان خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى تولىشوف مۇنداق دېدى: جۇڭگو نېفىت-گاز كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستاندا قۇرغان شېرىك شىركەتلىرى تەدرىجىي ھالدا قازاقىستاننىڭ نېفىت قېزىش، پىششىقلاش ۋە توشۇش ساھەسىدىكى باشلامچىسىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان خەلقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېنېرگىيە بايلىقى مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى، بۇ ھەممىگە ئايان بولغان ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈلگىسى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر