خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇيەر ۋاقتى 12-ماي چۈشتە نېپالدا يەر تەۋرىدى. جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مەركىزى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نېپالدا بېيجىڭ ۋاقتى 12-ماي سائەت 15:05 تە 7.5 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 27.8 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86.1 گرادۇس بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10.0 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى