خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى فوتوسى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق دانىش كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ 50 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 2015-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش مەشقى ئېلىپ باردى. پائالىيەتتە، دۇمباق ئويۇنى، ئەسكەر قۇتقۇزۇش ئويۇنى، رەخت ئۈستىدە مېڭىش ئويۇنى، داتلاشماس پولات كالتەك تۇرغۇزۇش ئويۇنى، كۆزىنى ئېتىپ ئارغامچا يېشىش ئويۇنى، شارنى پۈۋلەپ ئېتىلدۇرۇش ئويۇنى، پۇتنى باغلاپ مېڭىش ئويۇنى، بىر بىرىنىڭ پۇتىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئويۇنى، ئىككى ئوقۇغۇچى دۈمبىسىگە توپنى قىستۇرۇپ مېڭىش ئويۇنى، بوتۇلكىنى تىزىپ ئارلىقىدىن ھەمرايىنى ئۆتكۈزۈش ئويۇنى، كۆزنى ئېتىپ پۇتبول ئويناش ئويۇنى، كۆزىنى ئېتىپ ھەمرايىنى ھەر خىل توساقلاردىن ئۆتكۈزۈش ئويۇنى، داڭلىق شەخسلەرنى تېپىش ئويۇنى، توردىن ئۆتكۈزۈش ئويۇنى، ئوت يىيىش ئويۇنى، سۇنۇق ئەينەك پارچىسىدىن مېڭىپ ئۆتۈش ئويۇنى، قارت ئېچىش ئويۇنى، كۆزنى ئېتىپ رەسىم سىزىش ئويۇنى، قاتارلىق 20 نەچچە خىلدىن ئارتۇق ئويۇننى ئېلىپ باردى. شىنجاڭ دانىش ئېلانچىلىق شىركىتىنىڭ لىدىرى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق دانىش كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى يولداش ھاۋاگۈل كېرەم مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن 2015-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش مەشقىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىزبىز بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، غەيرەتلىك، باتۇرانە، چىدامچان، ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئۇ يەنە بىز بۇندىن كېيىن ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەشقىنى قەرەللىك ھالدا ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق ئۆسۈپ، ساغلام بەدەن بەرپا قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىمىز.
سۈرەتتە: بايىنغولىن ئوبلاستلىق دانىش كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ 2015-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش مەشقىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى