باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 130 دېلو ئۇقتۇرۇش قىلىندى

2015.05.13 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنسىتىرلىقى تور بېكىتىدە تۈنۈگۈن 4-مايدىن 10-مايغىچە ھەرقايسى جايلاردا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 130 دېلو ئېلان قىلىندى، 1-ماي ھارپىسىدا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 4 ئىستىل مەسىلىسىنى نازارەت قىلىپ شىكايەت قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەپتىلىك ئۇقتۇرۇش سالونىدا 20-ئاپرېلدىن ئېتىبارەن 8 بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ دېلولارنىڭ ئىسىمى ئاتاپ ئاشكارىلاندى، بۇ مەزكۇر سالوننىڭ ئۇدا 4- ھەپتە مۇشۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى، تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان 32 رايون ۋە ئورۇننىڭ دېلوسى بەلگىلىمىگە خىلاپ قوشۇمچە ياردەم تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغا سالام ۋە پۇل قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، توي تۆكۈن نەزىر چىراقلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ تەنقىد قىلىندى ھەمدە بېرىلگەن جازا ئەھۋالى ئۇقتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر