باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ چەتئەل زىيارىتى ھەققىدە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2015.05.14 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 13-ماي زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ برازىلىيە ، كولومبىيە ، پېرۇ ، چىلىدا زىيارەتتە بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى ، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ چاۋ، سودا مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى تۇڭ داۋچىلار ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ چاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىشىپ قۇدرەت تېپىش ، بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن خەلقئارادىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى .

  ۋاڭ چاۋ لى كېچياڭنىڭ برازىلىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : برازىلىيە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى چوڭ دۆلەت ، بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇھىم دۆلەت ، ئالتۇن كېسەك دۆلەت ئەزاسى ، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تۇنجى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ، جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان تۇنجى لاتىن ئامېرىكا قىتئەسى دۆلىتى . تۇڭ داۋچى لى كېچياڭنىڭ كولومبىيىدىكى زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو بىلەن كولومبىيەنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى مۇقىم راۋاجلانماقتا . كولومبىيە جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 5 - چوڭ سودا شېرىكى ، جۇڭگو كولۇمبىيىنىڭ يەر شارىدىكى ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى .

  توڭ داۋچى لى كېچياڭنىڭ پېرۇدىكى زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :جۇڭگو بىلەن پېرۇ 2009 - يىلى ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن بۇيان ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى . ھازىر جۇڭگو پېرۇنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى ، 1 - چوڭ ئېكسپورت بازىرى ۋە ئەڭ چوڭ ئىمپورت دۆلىتى . ۋاڭ چاۋ لى كېچياڭنىڭ چىلىدىكى زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : چىلى تۇنجى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان لاتىن ئامېرىكا قىتئەسى دۆلىتى . جۇڭگو چىلى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى . ھازىر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا كېتىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر