باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن خەلق قورال كۈچى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خيون يوڭچول ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

2015.05.13 16:59         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە دۆلەتلىك ئاخبارات مەھكىمىسى 13-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: چاۋشيەن خەلق قورال كۈچى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىسىتىرى خيون يوڭچول چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن تاكاللىشىپ، ‹‹خانغا بىھۆرمەتلىك قىلىش جىنايىتى›› شەكىللەندۈرگەنلىكتىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

  چاۋشيەن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كورېيە پارلامېنتىدىكى ئالاقىدار زاتنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتلىك ئاخبارات مەھكىمىسى شۇ كۈنى پارلامېنت ئاخبارات كومىتېتىنىڭ بۇ سىرلىق دېلو ھەققىدىكى دوكلاتىدا ‹‹چاۋشيەن دائىرىلىرىنىڭ خيون يوڭچولنىڭ جامائەتنىڭ ئالدىدىلا زېنىت توپى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى›› بىلدۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، خيون يوڭچول 2010-يىلى چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى بولغان، 2012-يىلى كىم جوڭئىل ئوردېنىغا ئېرىشكەن، شۇ يىلى 7-ئايدا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى بولغان، 2014-يىلى 6-ئايدا چاۋشيەن خەلق قورال كۈچى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر