باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئېرلاندىيە زۇڭلىسى كېننىي بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.05.19 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 17-ماي چۈشتىن كېيىن شاننوندا ئېرلاندىيە زۇڭلىسى كېننىي بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ كېننىينىڭ ئىچكى كابىنېت مىنىستىرلىرىنى باشلاپ پايتەختتىن شاننونغا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئېرلاندىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ئىككى دۆلەت زۇڭلىسىنىڭ ئۇچراشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو، ئېرلاندىيە ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان بىر-بىرىنى ئۆز ئارا چۈشىنىپ قوللاپ كەلدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. جۇڭگو تەرەپ ئېرلاندىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، خەلقئارالىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق دۇنيا خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەر بويىچە پىكىرلىشىپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو، ئېرلاندىيەنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى، تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر