باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى كېررىي بىلەن كۆرۈشتى

2015.05.18 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ماي «خەلق سارىيى»دا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى كېررىي بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلغان ئىدۇق، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ماس كېلىدۇ. زۇڭتۇڭ ئوباما بۇلتۇر 11-ئايدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. بۇ يىل 9-ئايدا ئۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى دەسلەپكى باسقۇچتا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى دۆلەت سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشى جەھەتتە بۇلتۇر يېڭى رېكورت يارىتىپ، ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە، ئارمىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مۇھىم خەلقئارا، رايونلار مەسىلىلىرى ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا زىچ ئالاقىنى ساقلىدى ۋە ھەمكارلاشتى. يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقتا يارقىن نۇقتىلارنى يارىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىككى تەرەپ ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ، كونترول قىلىپ ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر