باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تۆت دۆلەتتىكى زىيارىتىنى باشلىدى

برازىلىيەگە بېرىش سەپىرىدە ئېرلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

2015.05.18 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 17-ماي چۈشتىن كېيىن برازىلىيەگە بېرىش سەپىرىدە ئېرلاندىيە شاننون ئايرودۇرۇمىدا توختىدى ۋە ئېرلاندىيەدە قىسقا مۇددەتلىك زىيارەتتە بولدى.

  لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى چېڭ خۇڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شاننون ئايرودورومىدا يېتىپ كەلگەندە، ئېرلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە جۇڭگونىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۈ جيەنگو ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئېرلاندىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. ئىككى دۆلەت 2012-يىلى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق، جۇڭگو-ئېرلاندىيەنىڭ سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر