باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك قاراپ چىقىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈردى

2015.05.14 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىپلىشگە ئۇچرىماقتا

  ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك قاراپ چىقىش خىزمەت گۇرۇپپىسى 11- ماي ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ئەھۋالىنى تەكشۈردى، 122 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى يىغىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تەنقىد قىلدى ۋە تەكلىپ بەردى. ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئاساسلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار قانۇننى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلىش، ئېرق، دىن ۋە جىنسىي كەمسىتىش، قالايمىقان قىيىن قىستاققا ئېلىش ۋە گۋانتانامودا تۈرمە تەسىس قىلىش قاتارلىقلار مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن، دېدى.

  2010- يىلى 11- ئايدا ئامېرىكا تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ئەھۋالى توغرىسىدا 240 تۈرلۈك تەكلىپ بەرگەن، ئامېرىكا بۇنىڭ ئىچىدىكى 171 تۈرلۈك تەكلىپنى ئورۇنلاشقا ۋەدە بەرگەن. تۆت يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆزگىرىش بولماستىن، ئەكسىچە ئىنسانىي ھوقۇقى ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىماقتا.

  دوكلاتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالى ئامېرىكىنىڭ تەشۋىق قىلىغىنىدەك ئۇنچىلىك ياخشى ئەمەس. بىرىنچى، زورلۇق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش نۇرغۇن پاجىئە پەيدە قىلدى. ئافرىقىلىق ئەۋلادى بولغان بەزى ئامېرىكىلىق ياشلار ساقچىلارنىڭ قانۇننى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلىشى ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلماسلىقى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى كۆپىيىپ قالدى. ئىككىنچى، ئېرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى ئېغىر. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» بىلەن كۇلۇمبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 30-كۈنى ئەلراينى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %62 ئاق تەنلىك بىلەن %65 قارا تەنلىك ئامېرىكىدا ئېرقىي مۇناسىۋەت ئومۇميۈزلۈك ناچار دەپ قارىغان. بۇ 1997- يىلىدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم كۆپ ساندىكى ئاق تەنلىك ۋە قارا تەنلىكنىڭ ئېرقىي مۇناسىۋەت ناچار دەپ قارىشى. ئۈچىنچى، يادرولۇق ئىنسانىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى تەستىقلانمىدى. ھازىرغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھوقۇقى ئەھدىنامىسى»، «ئاياللارغا قارىتىلغان بارلىق كەمسىتىشلەرنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسى»، «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» قاتارلىق ب د ت نىڭ بىر قاتار مۇھىم ئىنسانىي ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىنى تەستىقلاش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرمىدى. ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتتا بالىلار ھېلىھەم قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ئوخشاش سوتلىنىدۇ ۋە جازا مۇددىتىنى ئۆتەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر