باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى جانلانماقتا

2015.05.14 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13–ماي ئېلىمىزنىڭ 4–ئايدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىندى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي يەنىلا مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپ، بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلىرىگە ئەگىشىپ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز روشەنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى بارغانسېرى جانلانغان.

  ئىقتىسادنىڭ تۈرتكىلىك كۈچىدىن قارىغاندا، 4 -ئايدا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلمىسى بىر ئاز ياخشىلانغان. ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك مەبلەغ سېلىشتىن كۆرۈنەرلىك تېز بولغان. ئەل ئىچى سېلىنما نىسبىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈپ، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، شامال كۈچى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيىسى بىلەن توك چىقىرىش قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش يەنىلا تېز سۈرئەتتە ئاشقان.

  ئىستېمالىنىڭ ئېشىش نىسبىتى سىجىل، مۇقىم بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتنىڭ بىر قاتار سىياسەت–تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى جانلاندى. يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلدى. 4–ئايدا يۇقىرى تېخنىكا كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪ 10 ئاشتى. كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېز بولدى. بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى تەشەببۇستىن تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلاندى. 1–پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول بويىدىكى 60 نەچچە دۆلەتكە قىلغان ئېكسپورتى %10 ئاشتى. ئىمپورت-ئېكسپورت ئوخشاش مەزگىلدىكى سودا ئومۇمىي قىممىتىدىن 4 تىن بىر ھەسسە ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر