خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئېلىجان ئىسمائىل فوتوسى، خەۋىرى) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شۇنداقلا ھەرمىللەت ئاممىسىغا مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىش، 100كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتىنى موللاشتۇرۇش ئۈچۈن، كېرىيە ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار 13-ماي كەچ ناھىيەنىڭ كوئىنلۇن مەيدانىدا بىر مەيدان سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ باردى. 1000دىن ئارتۇق ئامما بۇ پائالىيەتنى كۆرۈپ ناخشا، ئۇسسۇل، ئىتوتلاردىن زوق ئالدى.
سۈرەتتە: پائالىيەت كۈرۈنۈشلىرى
مەنبە: خەلق تورى