باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھوشۇر ئىسلام مېنىڭ كەسپىم جۇڭگودا، شىنجاڭدا دېدى

2015.05.13 11:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ مىللىي ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ يول ئاچقۇچىسى سۈپىتىدە ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن 40 يىلدىن ئارتۇق شۇغۇللاندى. بۇرۇن ئۇ كومپىيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئىدى. ھوشۇر ئىسلام مۇنداق دېدى: 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، مەن بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا كومپىيۇتېرغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى ئۆگىنىشكە ئايرىم-ئايرىم ئەۋەتىلدىم. ئەينى چاغدا مەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق كومپىيۇتېر ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلغىلى، كونترول رايونىدا قوللانغىلى بولامدۇ-يوق دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتقاندىن كېيىن مەكتەپ مېنىڭ ئويۇمنى قوللىدى. پىروفېسسور ھوشۇر ئىسلام بىلەن خىزمەتداشلىرى بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش دېتال سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ سىستېما خەنزۇچە، ئىنگلىزچە سىستېما بىلەن پۈتۈنلەي ماس كەلدى. ھازىر پىروفېسسور ھوشۇر ئىسلام باشچىلىقىدىكى تەتقىقات ئۆمىكى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆپ ۋاسىتىلىك مىللىي تىل-يېزىق ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى تەتقىقاتىغا كىرىشتى، ئۇلار تەتقىق قىلىپ چىققان يېزىق تونۇش، تىل تونۇش بىلەن بىرىككەن سىستېما كومپىيۇتېرغا ئۇيغۇر يېزىقىنى تونۇتالايدۇ، ئۇيغۇرچە قاتارلىق تىللارنى ئاڭلىتالايدۇ شۇنداقلا كومپىيۇتېر يېزىققا ئاساسەن ھۆججەتنى ئاپتوماتىك ئوقۇيالايدۇ. پىروفېسسور ھوشۇر ئىسلام مۇنداق دېدى: مەن 1997-يىلىدىن كېيىن ئامېرىكىغا زىيارەتچى ئالىم بولۇپ باردىم، ئەينى چاغدا چوڭ قىزىم ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا بارغان ئىدى، ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى كۆرگىلى بېرىشىمنى بەك ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن مەن ۋاقىت چىقىرالمىدىم، پەقەت ئۇنىڭغا كۆپرەك خەت يېزىپ، تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلدىم. كېيىن ئۇ ئامېرىكىدا تۇرمۇش قۇردى، تۇرمۇشى ناھايىتى بەختلىك، ئۇ ھازىر بىر تەتقىقاتخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى، ئۇ كۆپ قېتىم تېلېفون بېرىپ، مەن ۋە ئانىسىنى ئامېرىكىغا بېرىپ تۇرۇشنى ئېيتتى، لېكىن مەن بۇ يەردىن ئايرىلالمايمەن، چۈنكى مېنىڭ كەسپىم جۇڭگوغا، شىنجاڭغا مەنسۇپ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر