خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جۈرئەت ئىمىن بىرلىكتە شىنجاڭ تەرەققىيات سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ، شىنجاڭ تەرەققىيات سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنىدىكى شىنجاڭ تەرەققىيات سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ «شىنجاڭ تەرەققىيات سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن! شىنجاڭ روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا باشلامچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن تەستىقىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى