«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى فوندى» دېگەن خەت بېسىلغان ۋىۋىسكىسىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ «يېڭى بازار» يولى جەنۇبىي مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتى ئىشىكىگە ئېسىلىشى بىلەن، 71 ياشلىق گۈلنىساخان سەمەت ۋە 70 ياشلىق روزىخان تۇرسۇننىڭ ئارزۇسى رىئاللىقققا ئايلاندى.
«يېڭى بازار» يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى فڧوندى» گۈلنىساخان سەمەت ۋە روزىخان تۇرسۇننىڭ نامىدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەبلەغ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ بۇ ئىككەيلەنگە قىلغان ئىئانە پۇلىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ مەبلەغنى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى ۋە بۇ ئىككىيلەن باشقۇرۇپ، مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىدىكەن.
بۇ ئىككى موماي ئەرداۋان «لىمىن» كوچىسىدىكى شەخسلەر ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆيلەردە تۇرىدىغان بولۇپ، 2000-يىلى ۋاڭ خاۋشىڭ بۇ كوچىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئىككىيلەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن. گۈلنىساخان سەمەت مۇنداق دېدى: ئۇ بىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولۇپ، كۆزى ياخشى كۆرمەيتتى، شۇڭا بىز تاماق ئەتسەكلا ئۇنىڭغىمۇ ئەپچىقىپ بېرەتتۇق، ئۇنىڭ ئۆي تازىلىشىغا ياردەملىشەتتۇق.
2014-يىلى مارتنىڭ ئاخىرلىرىدا، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىتتىپاقلىقى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشى ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنغان، بېيجىڭدىكى بىر كارخانا ئۇلارغا ھەر ئايدا 2000 يۈەن ئىئانە قىلغان، شەھەر ئاھالىسى چۈ ۋېي ھەر ئايدا 400 يۈەن ئىئانە قىلغان، باشقا كارخانىلار ۋە كىشىلەر ئىئانە بۇيۇملىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.
شۇ يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋاڭ خاۋشىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن، لېكىن ئىئانە ئىشلىرى توختاپ قالمىغان، گۈلنىساخان سەمەت ۋە روزىخان تۇرسۇن بۇ ئىئانە بۇيۇملىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم قىلىش نىيىتىگە كەلگەن. سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدا «يېڭى بازار» يولى جەنۇبىي مەھەللىسىنىڭ ياردىمى شۇنداقلا ئىئانە قىلغۇچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بۇ ئىككىيلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى فوندى» قۇرۇپ، ھازىرغىچە قىيىنچىلىقى بار 30 نەچچە ئائىلىگە ياردەم قىلغان.
گۈلنىساخان سەمەت مۇنداق دېدى: بىز تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىلىنىمىز، ئاھالىلەر كومىتېتىمۇ بىزگە ياردەم قىلىپ تۇرىدۇ، بىز بۇ پۇل بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم قىلىمىز، بىز ھاياتلا بولساق، بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى داۋاملىق يەتكۈزىمىز.