- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى ئۆستى
2015.05.15 14:34 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
پىششىق ماينىڭ باھاسى 12- ماي كەچ سائەت 10:00 دا بۇ يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق «ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۆرلەش» نى كۈتۈۋالدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 93- نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 6.72 يۈەنگە تەڭشىلىپ، ھەر لىتىرى 0.2 يۈەن ئۆرلىدى؛ 0- نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.21 يۈەن ئۆرلىدى.
دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى 11- ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 12- ماي كەچ سائەت 10:00 دىن باشلاپ بېنزىن ۋە دىزېل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسىنى 255 يۈەن ۋە 245 يۈەن ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماي باھاسىنىڭ بۇ قېتىملىق تەڭشىلىشى ئىستېمال بېجىغا چېتىلمايدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر