- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باغچىغا پەرداز بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كىرىش چەكلىنىدۇ
2015.05.15 14:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
11- مايدىن باشلاپ شەھىرىمىزدىكى باغچىلارغا سۇيۇق پەرداز بۇيۇملىرى، ياغ قاتارلىقلارنى ئېلىپ كىرىشكە بولمايدىكەن.
ساياھەتچىلەر سۇيۇق پەرداز بۇيۇملىرى، ياغ قاتارلىقلارنى دەرۋازا قاراۋۇلخانىسىغا ساقلاشقا بېرىۋەتكەندىن كېيىن، باغچىغا كىرسە بولىدىكەن، شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى 11- مايدىن 13- مايغىچە ھەرقايسى باغچىلاردا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زۇڭ جىچياڭ مۇنداق دېدى: «ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، باغچىغا كىرىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، باغچىنىڭ بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن، بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر