- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەھىرىمىزدە تۇرالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈمى تۆۋەنلىتىلدى
2015.05.15 14:34 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شەھىرىمىزدە تۇرالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرزى بېرىش سىياسىتى بوشىتىلغاندىن كېيىن، 11- ماي يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى. بەش يىللىق (بەش يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شەخسىي تۇرالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئاۋۋالقى %3.5 تىن %3.25 كە تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، بەش يىلدىن يۇقىرى قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى 4% تىن %3.75 كە تۆۋەنلىتىلگەن، تۆۋەنلىگەن ئوتتۇرىچە نىسبەت 0.25 پىرسەنت پوئېنت بولغان.
جۇڭگو خەلق بانكىسى 11- مايدىن باشلاپ خەلق پۇلى قەرز ۋە ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە شەخسىي تۇرالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىمۇ تەڭ قەدەمدە تۆۋەنلىتىلگەن.
11 مايدىن كېيىن تۇرالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرزى يېڭىدىن تەڭشەلگەن قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە تارقىتىلىدىكەن، ئۆسۈم نىسبىتى تەڭشىلىشتىن بۇرۇن تارقىتىلغان قەرز 2016- يىلى 1- يانۋاردىن كېيىن يېڭى نىسبەت بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر