باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۈمىدىكى 2-تۈركۈمدىكى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى باشلاندى

2015.05.14 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن 2015-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۈمىدىكى 2- تۈركۈمدىكى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ باش شۇ جى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى سىياسىي ئىكىلوگىيىنى بەرپا قىلىش ھەققىدە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياخشى سىياسىي ئىكىلوگىيىنى بەرپا قىلىش پارتىيىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تېگىشلىك مەجبۇرىيەت، قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دېلو تۇرغۇزۇش بىلەن ئاشكارىلاشنى تەڭ چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئىستىل توغرا كەيپىياتنى نۇرلاندۇرۇپ، ناچار ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىپ، كادىرلارنىڭ پاك بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ پاك بولۇشى، سىياسىنىڭ پاك بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ماھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيىۋىيلىكنى چېنىقتۇرۇشتىكى تاۋلاش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئادەمنى تاللاپ ئىشلىتىش يۆنىلىشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ كۆرسەتكۈچى، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى، تۈپتىن ئۆزگەرتىشنىڭ تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ليۇ يۈنشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار. ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئۈلگە بولۇپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئۈلگىلىك ئىش ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلى ۋە ھاكىمىيەت ئىستىلىگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر