باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر»نى تارقاتتى

تاشقى سودا رىقابەتلىشىش يېڭى ئەۋزەللىكى تىرىشىپ يىتىلدۈرۈلىدۇ

2015.05.13 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن «تاشقى سودا رىقابەتلىشىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېزدىن يىتىلدۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»(قىسقارتىلىپ «پىكىر»دەپ ئېلىندى) نى تارقاتتى. «پىكىر»دە نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇھىت ۋە ئىچكى تەرەققىيات شارائىتىدا زور ئۆزگىرىش بولغان ئەھۋالدا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دۆلىتىمىز تاشقى سودا سوممىسىنىڭ مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، تاشقى سودا ئەۋزەللىكىنى پۇختىلاپ، رىقابەتلىشىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېزدىن يىتىلدۈرۈپ، سودا ئىشلىرى چوڭ دۆلىتىدىن سودا ئىشلىرى قۇدرەتلىك دۆلىتىگە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودىنىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ كۆلەملىشىش سۈرئىتى تىپىدىن سۈپەت ئۈنۈم تىپىگە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەش ئۆزگىرىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك: بىرىنچى، ئىكىسپورت ئىشلىرىدا مالنى ئاساس قىلىشتىن مال، مۇلازىمەت، تېخنىكا، كاپتال چىقىرىشنى بىرلەشتۈرۈشكە يۈزلىنىش؛ ئىككىنچى رىقابەت ئەۋزەللىكىدە باھا ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىشتىن تېخنىكا، ماركا، سۈپەت، مۇلازىمەت يادرولۇق ئونىۋېرسال رىقابەت ئەۋزەللىكىگە يۈزلىنىش ؛ ئۈچىنچى ئىقتىسادىي ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە مۇھىم ئامىلنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشنى ئاساس قىلغان يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلىنىش؛ تۆتىنچى، مۇھىتتىن سىياسەتنى يېتەكچى قىلىشنى ئاساس قىلغان تۈزۈمنى قېلپىلاشتۇرۇش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان خەلقئارا تىجارەت- سودا مۇھىتىغا يۈزلىنىش؛ بەشىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن خەلقئارا سودا قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، ماسلىشىشنى ئاساس قىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد- سودا قائىدىسىنى تۈزۈشكە يۈزلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر