باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند بىر بەلۋاغ بىر يول ھەمكارلىقىدىن پايدا كۈتمەكتە

2015.05.13 11:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، جۇڭگو بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ، تايلاند سىياسىي،سودا ساھەسى ۋە تايلاند جەمئىيىتى بىر بەلۋاغ بىر يول رامكىسى ئاستىدا ، جۇڭگو بىلەن بولغان ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە پايدا يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئارزۇ قىلماقتا.

  تايلاندنىڭ ئىلگىرىكى مۇئاۋىن زۇڭلىسى ، تايلاند - جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى پىنى تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. تۆمۈر يولنى ھېسابقا ئالمىغاندا تايلاند ھازىر مەبلەغ سېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى ، سانائەت ، يېزا ئىگىلىك تۈرى ، ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تايلاند ھازىر ئەخلەت ئارقىلىق توك ھاسىل قىلىش، قۇياش ئېنېرگىيىسى ، شامال ئېنېرگىيىسى ، بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيىدىن توك چىقىرىش قاتارلىق يېشىل ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن تەرەققىي قىلدۇرماقتا. بۇ تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جۇڭگونىڭ مەبلەغ ياردىمى شۇنداقلا قۇرۇلۇش جەھەتتىكى مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇشنى كۈتمەكتە.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى . 2014 - يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 72 مىليارد 670 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى .ھازىر جۇڭگو تايلاندنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى ، تايلاند جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى 4 - چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى . پىنى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : تايلاند ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو باشچىلىقىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بىر بەلۋاغ بىر يول تەسەۋۋۇرىنى تولۇق قوللاش، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ . ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇلىدىغان بولسا تايلاندنىڭ نۇرغۇن چوڭ - چوڭ تۈرلىرىگە مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىدۇ . جۇڭگو تايلاندنى يادرو قىلىپ ، پۈتكۈل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى قاپلىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ . جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ بۇ جەھەتتە غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە ھەمكارلىق بوشلۇقى بار . بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىردەك قارىشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر