باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭدا %70 پۇقرا ئالاقە تورى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى

2015.05.13 17:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونى خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە شىزاڭدىكى ئالاقە تورى ئىشلىتىدىغان ئابۇنىچىلار 2 مىليون 170 مىڭغا يېتىپ، شىزاڭدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئۇچۇرلىشىش قەدىمى تېزلىشىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى %70 تىن كۆپرەك ئامما ئالاقە تورى ئىشلىتەلەيدىغان بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇقىم كەڭ بەلباغلىق تور ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتى %32 كە يەتكەن.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونى خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چىڭ چى مۇنداق دېدى: شىزاڭدا بۇلتۇر ‹‹كەڭ بەلباغلىق تور. 2014›› مەخسۇس ھەرىكىتىنى پائال يولغا قويۇش ئارقىلىق كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئوپتىك كابېل تۇتاشتۇرۇلغان يېزا – بازارلار 668 گە يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا – بازارلارنىڭ %97 ىنى ئىگىلىدى؛ يېزىلارنىڭ خەۋەرلىشىش ئۈل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىشىپ، 3816 مەمۇرىي كەنتكە كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلدى. كەنتلەرگە كەڭ بەلباغلىق تورنى تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى %72 كە يەتتى. بۇلتۇر شىزاڭدا يەنە 639 مەمۇرىي كەنتتە كۆچمە خەۋەرلىشىش سىگنالى بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىلدى. بۇ، شىزاڭدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش سىگنالى بىلەن قاپلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىزاڭدىكى چەت، يىراق كەنتلەر، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار يانفون ئارقىلىق دۇنياغا يېقىنلاشتى ھەم دۇنيا بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى تۈگىتىلدى.

  شىزاڭنىڭ يېزىلىرىدا بۇ يىل ئوپتىك كابېلنى تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى %98 تىن ئاشۇرۇلىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 396 مەمۇرىي كەنت كەڭ بەلباغلىق تورنى تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، ھەممە كەنتلەردە كەڭ بەلباغلىق تورنى تۇتاشتۇرۇش نىسبىتىنى %80 تىن ئاشۇرىدۇ. مۇشۇنىڭدەك بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق تور بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىنىدۇ.

  تورنىڭ ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىشى ۋە ئىشلىتىلىشى بىلەن، شىزاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى يىلىغا %30 تىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، توردىن مال سېتىۋېلىش كۈندىن – كۈنگە ئاۋاتلىشىۋاتىدۇ. لىنجىنىڭ موتو ناھىيەسىدىكى جوما ياڭجىن مۇنداق دېدى: تورنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نەزەر دائىرەم تېخىمۇ كېڭەيدى، مال سېتىۋېلىشتىن باشقا يەنە، خىزمەت تېپىش، بېيىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر