شىزاڭ جىلۇڭ بازارلىق تولۇق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 12-ماي چېدىر مەكتەپنى بىخەتەر جايغا يۆتكىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى چېڭ جى 12-ماي مۇنداق دېدى: نېپالدا 12-ماي يەنە 7.5 بال قاتتىق يەر تەۋرىدى، ھازىرغىچە جۇڭگو تەرەپنىڭ نېپالدىكى خادىملىرىنىڭ بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتىكى يارىلىنىش، ئۆلۈشكە ئائىت دوكلاتىنى تاپشۇرۋالمىدۇق.
نېپال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نېپالنىڭ شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونى سىندۇپارىچالىكتىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە 36 كىشى قازا قىلغان، 1117 كىشى يارىلانغان. يەرلىك تاراتقۇلار قازا قىلغانلارنىڭ 47 كىشىگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تور پونكىتىنىڭ ئۆلچىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 12-ماي سائەت 15:05لەردە نېپالدا 7.5 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 27.8 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86.1 گرادۇس بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىر كېلىدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېپالدا 12-ماي يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىزاڭنىڭ جىلۇڭ بازىرى ۋە جاڭمۇ بازىرى يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان، لاسا، شەننەن قاتارلىق جايلار ئازراق تەسىرگە ئۇچرىغان. جىلۇڭ بازىرىدا بىر كىشىگە دومىلىغان تاش تېگىپ كېتىپ قازا قىلغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى