باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرالىيە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ يېڭى كابىنېت تەشكىللەيدۇ

2015.05.08 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرالىيە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ 6-ماي يېرىم كېچىدە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مەن يەھۇدىلار يۇرتى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بېنت بىلەن ئۇنىڭ يېڭى كابىنتقا كىرىشى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدىم، شۇ ئارقىلىق كابىنتنى تەشكىللەش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى توسالغۇنى يوقاتتىم، ئاخىرقى مۈددەتتىن بۇرۇن يېڭى كابىنتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەيمەن.

  17-مارت ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا نېيتانىياخۇ رەھبەرلىكىدىكى لىكۇرد گۇرۇھى 120 ئورۇنغا ئىگە پارلامېنتتا 30 ئورۇنغا ئېرىشىپ، 1-چوڭ پارتىيىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ تەرىپىدىن كابىنېت تەشكىللەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. ئىسرالىيە ئاساسىي قانۇنىدا يېڭى كابىنېت پارلامېنتتا ئاز دېگەندە 16 ئورۇنغا ئېرىشكەندىلا كابىنېت تەشكىللەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر