باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر ھەپتىدە يەتتە دۆلەت كارخانىسىنىڭ «بىرىنچى قول باشلىقى» يەڭگۈشلىۋېتىلدى

2015.05.08 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو 1- ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىركىتى مىكروبلوگىدا 7- ماي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارارى: شۈ پىڭ جۇڭگو 1- ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتكوم شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن ۋە نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى.

  5-ئايدىن ھازىرغىچە بولغان بىر ھەپتىدە يەتتە دۆلەت كارخانىسىنىڭ «بىرىنچى قول باشلىقى» يەڭگۈشلىۋېتىلدى. 4- ماي كۈنىلا جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو دېڭىز ئوكيان نېفىت باش شىركىتى، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى جۇڭگو بەش خىل مېتال گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىبارەت تۆت مەركەز كارخانىسىنىڭ باش مۇدىرى يەڭگۈشلىۋېتىلدى؛ 6- ماي شەرق شامىلى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى مەركەز كارخانىسىنىڭ «بىرىنچى قول باشلىقى» يەڭگۈشلەندى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، بۇ يەتتە مەركەز كارخانىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن «بىرىنچى قول باشلىقى»نىڭ ئىچىدە تۆت كىشى 50- يىللاردا تۇغۇلغان، ئۈچ كىشى 60- يىللاردا تۇغۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 56 ياشتىن يۇقىرى ئىكەن. جۇڭگو بەش خىل مېتال گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خې ۋېنبونىڭ يېشى ئەڭ چوڭ بولۇپ، 1955- يىلى تۇغۇلغان؛ ئەڭ كىچىكى جۇڭگو قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گۈەن چىڭ بولۇپ، 1964- يىلى تۇغۇلغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر