باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېپال زۇڭلىسى: ئىككى يىل ئىچىدە يۇرت ماكاننى قايتا قۇرۇش تاماملىنىدۇ

2015.05.11 14:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا نېپال زۇڭلىسى ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئىككى يىل ئىچىدە يۇرت ماكاننى قايتا قۇرۇش تاماملىنىدۇ. نېپالدا ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن سەككىز بال كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە بۇزۇلغان ئاممىۋى ئىمارەتلەر، يوللار، مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، تېلېگراف ئەسلىھەلىرى ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى رېمونت قىلىنىدۇ؛ دىنىي ۋە تارىخىي ئىمارەتلەر بەش يىل ئىچىدە قايتا قۇرۇلۇپ بولىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت شەخسىيلەرنىڭ ئۆيلىرىنى قايتا قۇرۇشقا 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇلى ئاجرىتىدۇ، ئۆسۈمى %2 بولىدۇ. ئالدىنقى ئاينىڭ 25 -كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە 7 مىڭ 903 كىشى قازا قىلدى، 18 مىڭغا يېقىن كىشى يارىلاندى، 540مىڭدىن كۆپرەك ئىمارەت بۇزۇلدى. نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1-باسقۇچتىكى قايتا قۇرۇشقا 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىكەن. نېپال ھۆكۈمىتىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت، ياردەم بېرىش ئاپپاراتلىرى ۋە نېپاللىقلارنىڭ ئىئانە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر