دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. شۇ كۈنى ئۇ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. پۇتىن شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: مەن موسكۋاغا ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلارنى بېرىپ، مۇھىم تۆھپە قوشقان. پۇتىن مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تارىخىي تۆھپىسىگە بەرگەن باھاسىغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن. تەبرىكلەش ۋە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش-تارىخنى ئىنكار قىلىش ۋە بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق سۇيىقەستكە، فاشىزم ۋە مىلىتارىستلارنى پەردازلايدىغان ھەم ئازاد قىلغۇچىلارنى قارىلايدىغان ھەر قانداق قىلمىشقا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىش ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى»، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش بىلەن ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ھەققىدىكى بىرلەشمە بايانات»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى ھەم ئېنېرگىيە، قاتناش، ئالەم قاتنىشى، پۇل مۇئامىلە، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى. شى جىنپىڭ مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشى بىلەن رۇسىيەنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش؛ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك، تېخىمۇ يىراقنى كۆرۈش نۇقتىسىدىن ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پۈتۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش ساھەسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يىراق شەرقنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاقىدار مەسىلىلەردە داۋاملىق يېقىن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشقا بىردەك قوشۇلدى. شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە رۇسىيە پىراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ باش ئېپىسكوپى كىرىل بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.