باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقنىڭ شەرقىدە جىنايەتچىلەر ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 44 كىشى قازا قىلدى

2015.05.11 14:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەردىكى بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ماي كەچتە ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيالا ئۆلكىسىدە جىنايەتچىلەر ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 44 كىشى قازا قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 11 تۈرمە ساقچىسى باركەن. 43 ئىراقلىق مەھبۇس تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن. ساقچىلار پۈتۈن كۈچى بۇ جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتماقتا.

  دىيالا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى باكۇبەي شەھىرىنىڭ غەربىي چېتىدىكى بىر تۈرمىدە مەھبۇسلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 150 مەھبۇس شۇ كۈنى كەچتە ساقچىلارنىڭ قولىدىكى قۇرالنى بۇلاپ، تۈرمىنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان تۈرمە ساقچىلىرى بىلەن شددەتلىك ئېتىشقان ھەمدە تۈرمىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنى ھۇجۇم قىلىپ ئىگىلىۋالغان. ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى ئارقىدىن ياردەمگە كەلگەن ھەمدە ئاخىرىدا 9-ماي ئەتىگەندە قالايمىقانچىلىقنى تېنچتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر