باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ روسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭدى ھەم رۇسىيە، قازاقىستان، بېلورۇسسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ(1)

شى جىنپىڭ ئاستانىگە يېتىپ بېرىپ قازاقىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى

2015.05.08 16:10   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ روسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭدى ھەم رۇسىيە، قازاقىستان، بېلورۇسسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ(1)

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىگە يېتىپ بېرىپ قازاقىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى. سۈرەتتە قازاقىستاننىڭ زۇڭلىسى مەسىموۋ قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىگە يېتىپ بېرىپ قازاقىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 لەردە شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئاستانە خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلاندىن چۈشتى، قازاقىستاننىڭ زۇڭلىسى مەسىموۋ، 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى ساجىتايېۋ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. قازاقىستانلىق ياشلار شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە گۈل تەقدىم قىلدى. ئەسكەرلەر قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ كۆز سېلىپ سالام بەردى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، فەن چاڭلۇڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جېجى قاتارلىقلارمۇ بىللە كەلدى.

  جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۈيمۇ ئايروپورتقا كۈتۈۋېلىشقا چىقتى.

  قازاقىستان شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىكى تۇنجى بېكىتى. شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن قازاقىستاننى 2-قېتىم زىيارەت قىلىشى. شى جىنپىڭ 2013-يىلى 9-ئايدا قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغاندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش تەشەببۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. بىر يېرىم يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…
      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…