مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، قىزىل كرېست ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 5-ماي بېيجىڭ «خەلق سارىيى»دا جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10-قۇرۇلتىيى 5-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ قىزىل كرېست ئىشلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەسىدە ئامما بىلەن ئالاقىلىشىدىغان كۆۋرۈكى ۋە تۈگۈنى. پارتىيە ۋە دۆلەت بۇ كۈچكە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ. جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ۋەزىپىلەرگە ماسلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش، خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى