باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى راۋاجلاندۇرۇلىدۇ
دۆلەت دەرىجىلىك تۇنجى پىلان ئېلان قىلىندى

2015.05.08 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ماي تېلېگراممىسى. يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى تەرەققىيات پىلانى (2015-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دەپ ئېلىندى) نى تارقىتىپ، نۆۋەتتىكى ۋە كېيىنكى مەزگىلدىكى دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ «گوۋۇيۈەننىڭ ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈزگەن مەخسۇس پىلان، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرى ئارقىلىق ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك پىلان.

  2020-يىلىغا كەلگەندە جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئاساسەن ئورنىتىلىدۇ

  «پىلان»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو تىبابىتى دورىسى (مىللىي تىبابەت دورىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى بايلىقى. جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرىىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو تىبابىتى دورىچىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، تىببى دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر