باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جەمئىيەت قۇشۇمچە ۋەزىپىسى كۆپ بولۇش ۋە مائاش ئېلىش ھادىسىسىنى تۈزەيدۇ

2015.05.08 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە مەركەزنىڭ 2- كۈزىتىش گۇرۇپپىسى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنى مەخسۇس تەكشۈردى. 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەركەزنىڭ 2- كۈزىتىش گۇرۇپپىسى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىغا مەخسۇس تەكشۈرۈش پىكرىنى ئىنكاس قىلدى. پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش، تۈزەش ئەھۋالى ئېلان قىلىنىدىكەن.

  رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپىسى كۆپ بولۇش ۋە مائاش ئېلىش ھادىسىسىنى تۈزەش كېرەك.

  بىرىنچى مىنىستىرلىق سىسېمىسىدىن پىنسىيە (دەم ئېلىش)گە چىققان رەھبىرىي كادىرلار مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ كەسپىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىدا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى تاماملاندى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىن ئىلگىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىن پىنسىيە (دەم ئېلىش)گە چىققان رەھبىرىي كادىردىن 10 كىشى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا 24 قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن كادىرنىڭ قۇشۇمچە ئۆتىگەن ۋەزىپىسى بەشكە يەتكەن. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈچ كادىر بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسىنى قۇشۇمچە ئۆتەيدىغان بولدى، قالغانلار قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان بولدى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىن ئىلگىرى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىكى پىنسىيە (دەم ئېلىش) گە چىققان مەھكىمە، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك 77 كادىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا 144 قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئەڭ كۆپ قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن كادىر بەش قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەھكىمە، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك 49 كادىرنىڭ ھەر بىرى بىردىن قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولدى، باشقىلار قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان بولدى. مەركەزنىڭ ئالاقىدار روھىغا ئاساسەن، «مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىن پىنسىيە (دەم ئېلىش)گە چىققان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىق سىستېمىسىدىكى پىنسىيە (دەم ئېلىش)قا چىققان رەھبىرىي كادىرلار خىزمەت ئېھىيتاجى بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە، تەستىقلاش ۋە رويخەتكە ئالدۇرۇش تەرتىپىنى جەزمەن ئادا قىلىپ، بىرلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتتا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، ھەق ئالماسلىق تەلەپ قىلىنىدىكەن.

  ئىككىنچى، مىنىستىرلىق سىستېمىسىدىكى باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. ھازىر ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە مەركەزلىك تەكشۈرۈش تاماملاندى. «مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئەستايدىل ئادا قىلىپ، خىزمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىنى تەستىقلاش چىڭ تۇتۇلىدۇ.

  ئۈچىنچى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مىنىستىرلىق سىستېمىسىدىكى كادىرلارنىڭ ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە ھەق ئالسا بولمايدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇلدى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىكى باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار (پىسنىيونېرلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تاماملاندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر