باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىلىرىدا دۇكان ئېچىشتا «گۇۋاھنامە» بولۇش تەلەپ قىلىنماقچى

2015.05.08 18:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى 6-ماي، سودا مىنىستىرلىكى تەييارلىغان «ماگىزىنسىز پارچە سېتىش تىجارىتىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق يولغا قويۇلىدۇ) (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» (تۆۋەندە «پىكىر نۇسخىسى» دېيىلىدۇ) غا ئاممىدىن پىكىر ئېلىش باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى. «پىكىر نۇسخىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىدىكى «ساتارمەن»لەر، ئومۇمەن تەستىقلاش ۋە ئەنگە ئېلىش كېرەك بولغاندا چوقۇم تىجارەت كىنىشكىسى، تىجارەت تەستىقنامىسى، تىجارەت قىلىشقا ھوقۇق بېرىلىش كىنىشكىسى قاتارلىق ئىسپات سۆرەت تاپشۇرۇشى كېرەك.

  «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا يەنە، «ئىستىمالچىلارغا رۇخسەتسىز ئۇچۇر ئەۋەتىشكە بولماسلىق» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «ئىستىمالچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ياكى ئىلتىماسى يوق ئەھۋالدا ياكى ئىستىمالچى ئېنىق رەت قىلغاندا، ماگىزىنسىز پارچە ساتقۇچى تىجارەتچى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتچى مۇقىم تېلېفون، كۆچمە تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار، ئېلخەت، خەت قاتارلىق يوللار بىلەن ئىستىمالچىغا ئۇچۇر ئەۋەتىشكە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر