باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا جۇڭگو ئىلمىي مۇنبىرىدە جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىس مۇزاكىرە قىلىندى

2015.05.08 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا جۇڭگو ئىلمىي مۇنبىرە 6-ماي ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتادىكى كات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدىن كەلگەن 30 نەچچە مۇتەخەسس ئالىم «جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىس» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

  بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇنبەرنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، مۇنبەردە جۇڭگو ئىقتىسادى ئىسلاھاتى، جۇڭگونىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، جۇڭگونىڭ جەمئىيەتنى تىزگىنلەش، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قاتارلىق بەش قارالما تەسىس قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىلمىي ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى دۇچ كېلىۋاتقان پۈرسەت ۋە خىرسنى چۆرىدەپ ئالماشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ۋە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بولغان تەتقىقاتى ۋە تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، جۇڭگو ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا ئىجابي كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر