باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غۇلجىلىق يىگىت خېبىيغا بېرىپ، دادىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قەرزىنى قايتۇردى

2015.05.06 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15 يىل بۇرۇن، شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر تېرە سودىگىرى خېبېىي باۋدىڭدا ئۈچ خەنزۇ قېرىنداشقا 26 مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالغان. 15 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى زاكىر مەمەتئىلى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، باۋدىڭنىڭ لىشيەن، ساڭجۇنىڭ سۇنىڭ دېگەن جايلىرىغا بېرىپ دادىسىنىڭ قەرزىنى قايتۇرغان.

  ليۇ جيەنچىڭ باۋدىڭ لىشيەن ناھىيەسىدىكى تېرە سودىگىرى. 2000-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، زاكىر مەمەتئىلىنىڭ دادىسى ليۇ جيەنچىڭ بىلەن سودا قىلىش جەريانىدا، ليۇ جيەنچىڭغا 86 مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالغان، زاكىر مەمەتئىلىنىڭ دادىسى ئالدى كەينى بولۇپ 60 مىڭ يۈەننى قايتۇرغان، كېيىن يەنە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بىلەن 10 مىڭ يۈەننى تۆلىگەن. كېيىن ئۇنىڭ دادىسى كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ھەم پۇل تاپالمىغانلىقى سەۋەبلىك قالغان قەرزنى قايتۇرالمىغان. ليۇ جيەنچىڭمۇ قالغان پۇلدىن ئۈمىد قالمىدى، دەپ ئويلىغان.

  ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، 15 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە زاكىر مەمەتئىلى شۇنچە ئۇزاق يول يۈرۈپ، خېبېيغا بېرىپ دادىسىنىڭ قەرزىنى قايتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر