باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2015.05.06 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېلەر ئايدىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ قىسىم دورىلارنىڭ باھاسىنى بېكىتىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

  ناركوز دورىسى ۋە 1-تۈردىكى روھىي كېسەللىك دورىلىرىنىڭ باھاسىنى يەنىلا ھۆكۈمەت بېكىتىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز 1-ئىيۇندىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ قىسىم دورىلارنىڭ باھاسىنى بېكىتىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دورا سېتىۋېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەقنى كونترول قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دورىلارنىڭ ئەمەلىي سودىلىشىش باھاسى بازار رىقابىتىدە شەكىللىنىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىقى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ «دورا باھاسىنى ئىسلاھ قىلىش پىكرىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ناركوز دورىسى ۋە 1-تۈردىكى روھىي كېسەللىك دورىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ۋە ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىنى باشقۇرىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ قالغان دورىلارنىڭ باھاسىنى بېكىتىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىغا چەك قويۇشنى باشقۇرۇشىغا بولمايدۇ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق بازاردىن باھا شەكىللىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر