باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساغلاملىق تەربىيەسى شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرس سېتكىسىغا رەسمىي كىرگۈزۈلدى

2015.05.06 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى ۋەتەننى سۆيۈش سەھىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسى رەسمىي دەرسلىك قىلىنپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندە ئاز دېگەندە بىر سائەت تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ تازىلىقىغا قارىتا، ئاشخانىدا مىكروبسىزلاشتۇرغۇچ ۋە چىۋىندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەسلىھەسى ئورنىتىلغان بولۇشى، ئاشخانىدا تاماق ئېتىدىغانلار ھەر يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ۋە سەھىيە بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىنىشى، چېرىغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى ساتماسلىقى كېرەك. كۈندە بىر قېتىم ئىسنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى نازارەت قىلىش، بولۇپمۇ چوڭ مەكتەپلەردە ئىسنى كونترول قىلىش سالمىقى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، يەسلى، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر، كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپتە ئومۇميۈزلۈك ئىسنى چەكلەش شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش رايونى، ئىشخانا رايونى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا، ئومۇميۈزلۈك ئىسنى چەكلەش، ئىس ـ تۈتەكسىز مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر