باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 10 توننىدەك قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەن كالا، قوي، تۆگە گۆشى كۆيدۈرۈلدى

2015.05.06 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ چېگرىدىن كىرىپ ـ چىقىش كارانتىن قىلىش ئىدارىسى بىلەن تاموژنىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدا قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەن 10 توننىدەك چېرىپ كەتكەن ھايۋانات گۆشى تاقىشخان پورتىدا كۆيدۈرۈلدى. بۇ 2015-يىلىدىن بۇيان، مۇشۇ چېگرىدا كۆيدۈرۈلگەن مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەن ھايۋانات مەھسۇلاتى.

  5-چېسلا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ چېگرىدىن كىرىپ ـ چىقىش كارانتىن قىلىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم كۆيدۈرۈۋېتىلگەن چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن گۆش ئاساسلىقى موڭغۇلىيەدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كالا، قوي، تۆگە گۆشلىرى بار. موڭغۇلىيە تۇياقلىق تارقىلىشچان كېسەللىكلەر رايونى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشى چەكلەنگەن. شۇنداقلا بۇ ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورىلىشى ناچار، ئارىلاشما ماددىلار كۆپ، شۇنداقلا بىر قىسمى چېرىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن، تازىلىقى ناچار بولغان. مۇبادا مۇشۇنداق زور مىقداردىكى ھايۋاناتلار مەھسۇلاتى بازارغا كىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستەللىرىگە چىقسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر