باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چۇدالىقلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە

2015.05.06 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى (مۇختار ئابدۇقادىر، ئختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئوسمانجان ئىسمائىل، مەرىيەم مۇھەممەد)
- ئۇستام، بىزگە گۆش سەي لەغمەندىن ئىككىنى.
- ۋاي ئاداش، ئادەتتىكى ئۆي لەغمىنى يىسەكمۇ بولاتتىغۇ.
- بولدى قىلە، ئوغۇل بالا دىگەن پۇل تاپقاندىن كىيىن قورساققا ياخشى يىگۈلۈك، «قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ».
- قارىغاندا زاۋۇتتا ئىشلەپ خېلى بېيىپ قالغان ئوخشىمامسەن؟
- ھەر ھالدا شۈكىرى، بۇرۇن بانكىدىن ئالغان 5000 يۈەن قەرزنى قايتۇرالماي، بانكا خادىملىرىدىن دەشنام ئاڭلاپ، كۆرمىگەن كۈنۈم ئاز قالغان ئىدى، كەنت كادىرلىرىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، بىر كۆرۈپ باقاي دىگەن نىيەتتە ئاقسۇدىكى «خۇافۇ» رەڭلىك پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئۈچ يىل ئىشلىگەن ئىدۇق، مانا ھازىر بانكا كارتامغا 100 مىڭ يۈەننى قاچىلاپ ئۆيگە قايتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن.
- ئارام ئالغان ئوخشىمامسەن؟.
- ياقەي، ئەمدى ئىشلىمەيمەن.
- نىمىشقا؟ پۇل بىقىنىڭغا ئۈسسسۈپتۇ- دە؟
- سەن بىلمەيسەن ئاداش، مىنىڭغۇ ئۆمۈر بويى ئاشۇ زاۋۇتتا ئىشلىگۈم بار ئىدى، لىكىن ئايالىم زاۋۇتقا كۆنەلمىدى. سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، كۈندىن كۈنگە ئۇرۇقلاپ، ئىسكىلىت شاھقا ئايلىنىپ قالاي دىدى. بۇنداق كېتىۋەرسەك كىيىنچە يىغقان پۇلىمىز دوختۇرخانىغا چىقىشماي قالارمۇ، دەپ ئەنسىرەپ قالدۇق. بولمىسا ئەر -خوتۇن ئىككىمىزگە ئايدا 8000 يۈەن مائاش بېرىدىغان زاۋۇتتىن كىمنىڭ كەتكۈسى كېلىدۇ دەيسەن؟.
- ھە، مۇنداق دىگىنە، ئەمدى نىمە ئىش قىلاي دەيسەن؟.
- نىمىش قىلاتتۇق، بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ قالدى، ئولتۇرۋاتقان ئۆيىمىزنىڭ تاينى يوق، بۇ يىل ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا تىزىملىتىپ قويدۇم، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئازراق دەسمىي سېلىپ، ئۆز ئالدىمىزغا تىجارەت قىلايلىمىكىن دەيمەن.
- ياخشى ئويلاپسەن ئاداش، تىجارەتكە سالىدىغان دەسمىي بولغاندىكىن مۇستەققىل ئىش قىلغانغا يەتمەيدۇ.
يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە تاماقنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىككى ئەر كىشىنىڭ چاي ئىچكەش ئولتۇرۇپ قىلىشقان يۇقارقى پاراڭلىرى ئىختىيارسىز ھالدا بىزنىڭ مۇخبىرلىق «كېسىلىمىزنى» قوزغىدى. ئىككىمىز بىر -بىرىمىزگە مەنىلىك قارىشىۋالغاندىن كېيىن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىمىزنى تونۇشتۇردۇق.
- ئاغىينىلەر، بىز مۇخبىر، ماۋۇ ئاغىينىمىزنىڭ بايىقى گەپلىرىگە قىزىقىپ قالدۇق. شۇڭا زىيارەت قىلايلى دەپ.....
ئۇلار ھەيرانلىق ئىلكىدە بىزگە زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدى، ئۇنىڭغىچە ئۇلار بۇيرۇتقان تاماقمۇ چىقىپ قالدى. بىز تاماق يەپ بولۇپ، بىر دوستىمىزنى ساقلاۋاتقان بولغاچقا، گەپنى ئۇدۇللا باشلىدۇق.
- بايا دېگەن گەپلىرىڭىز راستمۇ؟ - دەپ سورىدۇق بىز ئوتتۇرا بوي كىشىدىن.
- راست بولمايچۇ، كەنتىمىزدە مەندەكلەردىن يەنە نەچچىسى بار.
- سىز قايسى كەنتتىن؟ ئىسمىڭىز نېمە؟
- تۇمۇشۇق بازىرىنىڭ چۇدا كەنتىدىن، ئىسمىم ئابلەت رۇزى.
- ھە، مۇنداق دەڭ. سىز ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرىدىن ئىكەنسىزدە.
- شۇنداق، بۇياق مېنىڭ ئاقسۇلۇق ئاغىينەم بولىدۇ، - دېدى ئۇ يېنىدىكى ئېگىز بويلۇق، قارامتۇل كىشىنى كۆرسىتىپ.
- نەچچە بالىڭىز بار؟
-ئىككى قىزىم بار،- دېدى ئابلەت روزى،- ئىلگىرى «كاناينى ياغلىغىلى ياغ يوق، سۇناينى ياغلىغىلى ياغ نەدە» دېگەندەك، قورساقنى ئاران بېقىۋاتقاندا قىزلىرىمنى قانداق ئوقۇتارمەن دەپ ئەندىشە قىلاتتىم. چۈنكى بەش مو يەرنىڭ كىرىمى گالدىن ئاشمايتتى، مانا ھازىر چوڭ قىزىم ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ، ناھىيەدىكى دورا دۇكىنىدا ئېيىغا 2000 يۈەندىن مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتىدۇ. كىچىك قىزىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى، ئۇنى ئامال بار ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
شۇ تاپتا ئاشخانىنىڭ تېمىغا ئورنىتىلغان كالىندارلىق سائەت 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 5:00 دېگەن رەقەمنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بىز ئابلەت روزىغا ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتۇق ۋە «پىلەك بويلاپ خەمەك ئىزدەش» ئۈچۈن ئەتىسى سەھەردە تۇمۇشۇق بازىرىنىڭ چۇدا كەنتىگە قاراپ يول ئالدۇق.
-كەنتىمىزدە ئالتە مەھەللە، 1525 نوپۇس بار، كىشى بېشىغا 2.8 مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ ، ئۆتكەن يىلى كەنتىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 9000 يۈەن بولغان، بۇ يىل % 10 ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق،- دېدى چۇدا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېلى مەتتوختى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ھاياجانلانغان ھالدا.
- نېمە؟ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى ئاران 2.8 مو، لىكىن ئۆتكەن يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 9000 يۈەن ، بۇ گەپ سەل لاپ كەتتىمۇ قانداق؟ - دېدۇق بىز ئېلى شۇجىغا سۇئال نەزىرىمىز بىلەن قاراپ.
- ھەيران قالماڭلار،- دېدى ئېلى شۇجى تەمكىنلىك بىلەن. كەنتىمىزنىڭ دېھقانلارنى بېيىتىشىدا «مەخپىي رىسالە»ىسى بار، شۇڭا چۇدا دېھقانلىرىنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى پارلايدۇ.
ئېلى شۇجىنىڭ دېيىشىچە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى تېرىلغۇ يەر ئاز، نوپۇس كۆپ بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، كەنت ياشلىرىنىڭ ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۋەتمەسلىك ئۈچۈن، سىرتقى جايلار بىلەن ئالاقىلىشىپ 2012 - يىلى تېرىلغۇ يېرى يوق ئائىلىدىكى 80 نەپەر ياشنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 24 ئادەم ئابلەت رۇزىغا ئوخشاش توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپ ھال - كۈنىنى ياخشىلاپتۇ. ئۆتكەن يىلى 400 ئادەمنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى، چاچلىق چارۋىچىلىق فېرمىسىغا ئاپىرىپ، پاختا تېرىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بوپتۇ. 12 ئادەمنى ساۋاپچى چارۋىچىىلق فېرمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلەشكە تونۇشتۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى يىلىغا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىكەن. كەنت يەنە دېھقانلارنى باغ بىنا قىلىشقا سەپەرۋەر قىپتۇ...
گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئېلى شۇجى بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
- 2003 - يىلى بىز دېھقانلارغا تېرىلغۇ يەرگە ياڭاق تىكىشنى تەشەببۇس قىلغاندا بۇ يېڭى سىياسەت شال تېرىپ كۆنۈپ قالغان دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسىدىن زادىلا ئۆتمىدى، ھەتتا كۈندۈزى تىككەن ياڭاق كۆچىتىنى كېچىسى چىقىپ يۇلۇۋېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى. بۇ خىل ئەھۋالدا بىز كەنت كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ياڭاق تىكىشكە سەپەرۋەر قىلدۇق. كادىرلانىڭ ئۈلگە بولىشى قىسمەن دېھقانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا تۈرتكە بولدى، مانا ھازىر كەنت بويىچە ياڭاق كۆلىمى 2500 موغا، بۇنىڭدىن مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 2000 موغا يەتتى. ئۆتكەن يىلى دېھقانلارنىڭ پەقەت ياڭاقتىن قىلغان كىرىمىلا 3 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشى ئومۇمىي كىرىمىدە باغ - ئورمانچىلىقنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %45 كە يېتىپ، 2011 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 12ھەسسە قاتلاندى، بىر مو ياڭاقلىق باغدىن 6000- 7000 يۈەن كىرىم قىلغان دېھقانلارمۇ خېلى كۆپ، مانا ھازىر دېھقانلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ باغ - ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىگە تامامەن مايىل بولدى. يەنە بىر گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتەي، چۇدا كەنتى دېسە بىلىدىغانلار خېلى كۆپ، لىكىن خۇڭچى كەنتى دېسە بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، سەۋەبى ئەينى يىللىرى تۇمۇشۇق بازىرى بويىچە تۇنجى بولۇپ چۇدا كەنتىدە شال تېرىلىپ، تەجرىبىسى پۈتۈن بازارغا كېڭەيتىلگەچكە كەنتىمىز «قىزىل بايراق» دېگەن مەنىدە «خۇڭچى» دەپ نام ئالغان ، شۇڭا ھازىرمۇ كەنت بويىچە 1500 مو يەرگە شال تېرىپ، ناھىيەمىزنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىسمى - جىسمىغا لايىق «گۈرۈچ ماكانى» بولۇشىغا تىگيىشلىك ھەسسىمىزنى قېتىۋاتىمىز. كىشى بېشى كىرىمىنىڭ %25 ى شالدىن كىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنىمۇ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم كەسىپ قاتارىدا چىڭ تۇتتۇق. تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىر كەنت بويىچە بېقىلىۋاتقان چوڭ چارۋا 900 دىن، كىچىك چارۋا 7200 دىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ چارۋىچىلىقتىن قىلغان كىرىمى كىشى بېشى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %25 ىنى ئىگىلىدى.
چۇدا كەنتىنىڭ دېھقانلارنى بېيىتىش ھەققىدىكى «مەخپىي رىسالە»سى ھەقىقەتەن كارامىتىنى كۆرسىتىپتۇ، چۇدا دېھقانلىرى باي بوپتۇ. «قازان ماي بولسا، چۈمۈچمۇ ماي بولىدۇ» دېگەندەك دېھقانلارنىڭ بېيىشىشغا ئەگىشىپ، كەنت كوللېكتىپ جۇغلانمىسىمۇ ئىلگىركىدىن زورىيىپتۇ. پەقەت ئۆتكەن يىلىلا كەنت ئىگىدارچىلىقىدىكى 500 تۇياق ئۆچكىدىن 40 مىڭ يۈەن، 950 مو تاۋار يەردىن 110 مىڭ يۈەن كىرىم قىپتۇ ھەم شۇنىڭغا يارىشا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئالىي ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئالتە نەپەر، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 11 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە يىلدا 1000 يۈەندىن، شىنجاڭدىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە تېخنىكوملاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە يىلدا 350 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ كىلىۋېتىپتۇ. چۇدا دېھقانلىرى بېيىغانسىرى زامانىۋىلىشىشقا، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا يۈزلىنىپتۇ. قانداق دەمسىز؟ ئېلى شۇ جى بايان قىلغان كەنت بويىچە دېھقانلار سېتىۋالغان ئائىلە ماشىنىسى 11 گە، 40 ئات كۈچىدىن يۇقىرى تىراكتور 80 گە، كىچىك تىپتىكى تىراكتور 205 كە، كومبايىن 12 گە، چوڭ تىپتىكى يۈك توشۇش ماشىنىسى 11 گە يەتتى، 384 ئائىلىنىڭ 300 ى يەر تەۋرەشكە چىداملىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، دېگەن سانلىق مەلۇماتلار سۇئالىڭىزغا جاۋاب، چۇدالىقلارنىڭ كۈلكىسىگە ئىسپات بولالايدۇ، ئەلۋەتتە.

مەنبە: ئاقسۇ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر