خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزنى يۈز ئاسىراش پەردىسى ئىگەللىۋالدىمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا دوستلار چەمبىركىڭىز بەك كىچىككەن. يېقىندا، يېڭى بېيجىڭ گېزىتى بىلەن چىڭ تەتقىقات ئەقىل بىرلەشمىسى ئوتتۇرغا قويغان بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، 84.8% ئادەم دوستلار چەمبىرىكىدە يۈز ئاسىراش پەردىسىنى ساتقاننى كۆرۈپ باققان.
دوستلار چەمبىرىكى ئىچىدىكى « يۈز پەردىسى» قانداق قىلىپ ئېلان قىلىنغان؟ يېڭى بېيجىڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى ، تور ۋاكالىتەن بېجىرىش شىركىتى بىر پۈتۈنلەي يېڭى « دوستلار چەمبىرىكى »يۈز پەردىىسىنى ياساپ، شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش، مەھسۇلاتلارنى لايىھىلەشتىن تارتىپ تاكى ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىپ سېتېش، بازارغا سېلىپ سېتىش ئەڭ تېز جەريانى ئىككى ئايغا يەتمەيدۇ. بەزى ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان« خەلقئارالىق داڭلىق ماركا» كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىقتىدارى ئارقىلىق، ئۇقۇم ياساش، ئورۇن ئېلىش، يەنە قاتلاممۇ – قاتلام ۋاكالەتچىلىك باھا قوشۇش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا ساتىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى