باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2015.05.05 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەپسىلىي خىزمىتى
  كۈندە مەركەزنىڭ مۇھىم تورلىرى، يەرلىك پارتىيە گېزىتلىرى، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتى، ھەمكارلاشقان تاراتقۇلارنىڭ ماقالىلىرىنى تورغا ئاغدۇرۇش، تورداشلارنىڭ ، ئىختىيارىي مۇخبىرلارنىڭ خەۋەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش.

  2. كۈندە تور بەتنى يېڭىلاش، باش بەتنىڭ ھەر قايسى سەھىپىلىرى، مۇھىم خەۋەرلەر ۋە فىلەش سۈرەتلىرى شۇنداقلا قوشۇمچە بەتلىرىنى يېڭىلاش

  3. كۈندە خەۋەر ئەسكەرتىشىنى كۆرۈش ۋە سۆز قالدۇرۇش بېتىدىكى سۆزلەرنى تەستىقلاش.

  4. يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تەلىپى بويىچە مەخسۇس سەھىپە ئىشلەش، مەخسۇس سەھىپە بېتىنى يېڭىلاش، بەت مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇش.

  5. كۈندە ۋاقتىدا خەۋەرلەرنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا خەۋەر تەرجىمە قىلىش شۇنداقلا خەۋەر يېزىش. كۈندە بەش پارچە خەۋەر تەرجىمە قىلىش، ئايدا ئالتە پارچە خەۋەر يېزىش.

  6. ئالاقە ئىشلىرىنى كېڭەيتىش، قەرەللىك ھالدا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈش، تور بەت شۇنداقلا ئۈندىدار سۇپىسىنى كېڭەيتىش.

  7. كۈندە ئۈندىدار، Facebook نى ۋاقتىدا تارقىتىش.

  قۇيۇلىدىغان تەلەپلەر
  1. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كورسنى پۈتتۈرگەن بولۇشى، شۇنداقلا چوقۇم مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك. ئاخبارات، تىل ـ ئەدەبىيات، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

  2 .تور بەتنى تەڭشەش، يۈرگۈزۈش شۇنداقلا ئاسراشقا دائىر بىلىملەرگە پىششق بولۇش.

  3. خەۋەرگە بولغان سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، ياخشى بولغان يېزىقچىلىق ئاساسى، مۇخبىرلىق ۋە تەھرىرلىك قابىليىتى بولۇشى كېرەك.

  4. تور بەت مەخسۇس سەھىپىسى شۇنداقلا تېما تاللاش قابىليىتى بولۇشى؛ ئىپادىلەش قابىليىتى كۈچلۈك، چۈشىنىش قابىلىيىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك

  5.يۇقىرى كەسپىي ساپا ھازىرلىغان بولۇشى ۋە خىزمەتكە مەسئولىيەتچان بولۇشى كېرەك.

  مائاشى: يۈز تۇرانە بېكىتىلىدۇ

  خىزمەت ئورنى: بېيجىڭ چاۋياڭ رايونى جىنتەي يولى 2-نومۇر

  تەرجىمىھالنى تۆۋەندىكى ئادرېسقا يوللاڭ، تەرجىمىھال ئەۋەتكەندە تەرجىمىھالغا سۈرەت چاپلاشنى ئۇنتىماڭ.subuda@people.cn

تۆۋەندىكى ئادرېسقا تەرجىمىھال يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

http://jobs.zhaopin.com/359540016250674.htm?ssidkey=y&ff=02&ss=101
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر