باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستانلىق ئەر 36يىلدا قاقاس ئارالدا «ئىپتىدائىي ئورمانلىق» بەرپا قىلدى

2015.05.04 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ شىمالىدا ماجۇلى دەيدىغان بىر ئارال بولۇپ، 1900-يىلدىن بۇيان كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ئارالنىڭ تۇپراق سۈپىتى يامانلىشىپ كەتكەن، پەسىل شامىلى ئەلا سۈپەتلىك تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارال قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالغان، ئارالدىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ تەدرىجىي يوقالغان.

  1979-يىلى 16ياشلىق ھىندىستانلىق ئوغۇل بالا جاداۋ پايېڭ ئۆزى تۇغۇلغان ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئاسسام ئۆلكىسىدە كەلكۈن ئېقىتىپ كەلگەن نۇرغۇن يىلانلارنىڭ كەلكۈندىن كېيىن قىرغاقتا ئۆلۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن.

  «يىلانلارنىڭ ھەممىسى ئىسسىقتىن ئۆلگەن، چۈنكى ئۇ يەر شۇ چاغدا قۇملۇق بولۇپ، دەرەخ بىلەن قاپلانمىغان ئىدى. قىرغاقتا تۇرۇپ، قۇرۇپ كەتكەن يىلان ئۆلۈكىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. بۇ خۇددى بىر مەيدان قىرغىنچىلىققا ئوخشايتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئورمان باشقۇرۇش تارماقلىرىغا خەت يېزىپ، قۇملۇقتا دەرەخ تىكىشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇلار قۇملۇقتا ھىچنېمە تىككىلى بولمايدىغانلىقىنى، بامبۇك تىكىپ سىناپ باقسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بىر ئازابلىق جەريان ئىدى. ھىچقانداق قوللاش يوق ئىدى، بىراق مەن يەنىلا قىلالىدىم» دېدى ھازىر 52ياشلىق پايېڭ .

  ھىچكىممۇ ئۇنىڭ ئاشۇ قۇرۇپ كەتكەن قۇملۇقتا ھازىرقى 550گېكتارلىق قۇيۇق ئورمانلىق بەرپا قىلىنىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئورمانلىقتا ھەرخىل قۇشلار، بۇغا، كەركىدان، يولۋاس، پىل، يەنە نۇرغۇن نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدىكى ھايۋاناتلار ماكانلاشتى. بۇ ھايۋاناتلار جەننىتىنى بەرپا قىلىشقا پايېڭ 36يىل سەرپ قىلدى، ئۆزى يالغۇز بىرىنچى تۈپ دەرەخنى تىكىشنى باشلاش ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كەسپىنى بەلگىلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر