باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى››قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى(ئۈزۈندە)

2015.05.06 11:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

(2014–يىل 8–ئاينىڭ 31–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
14 – نومۇرلۇق
‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2014 – يىل 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2014 – يىل 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى
12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 – يىغىنىدا مۇنۇلار قارار قىلىندى:
.................................................................
4. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى
(1) 19 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى سالاھىيىتىنى بېكىتكەن›› دېگەن سۆز ‹‹بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئاپپاراتىدىن باشقا›› دەپ تۈزىتىلدى.
(2) 71 – ماددىنىڭ (3) تارماقچىسى چىقىرىۋېتىلدى.
(3) 78 – ماددىسىدىكى: ‹‹مۇناسىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنسا بولىدۇ›› دېگەن مەزمۇن ‹‹ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە مەنئى قىلىنىدۇ›› دەپ تۈزىتىلدى.
…………………………………………………………
بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رويخەتتىكى بوغالتىرلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قانۇنى››،‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر