باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنى 57 ئادىمىنى ئېتىپ تاشلىدى

2015.05.04 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئەڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتتە، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ جەمئىي 57 ئادىمى ئېتىپ تاشلاندى.

  باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئافغانىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قىسمى بىر تۈركۈم قورال ياراقلارنى ئولجا ئالدى، ھەمدە قوراللىق ئۇنسۇرلار يول بويلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان يەتتە بومبىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تازىلىدى.

  ھازىرغىچە، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ باھار پەسىللىك ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان، تالىبان ئافغانىستان تەۋەسىدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى. ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كۆپ قېتىم تېررورلۇققا قارشى ۋە تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار قارىغاندا، 200 دىن كۆپرەك قوراللىق ئۇنسۇر ئېتىپ تاشلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر